ئۈرۈمچىدە ئاقما نوپۇسقا بېرىلىدىغان «ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكا تۈزۈمى» گە ئۆزگەرتىش كىرگۈزلگەن

خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە ئاقما نوپۇسقا بېرىلىدىغان «ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكا تۈزۈمى» گە ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن بولۇپ، ئۈرۈمچىدە 30 كۈندىن ئارتۇق تۇرۇش پىلانى بارلار يېرىم يىللىق تۇرۇش كىنىشكىسىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن. بۇ، كىنىشكا ئىگىلىرىنى يەرلىك ئۈرۈمچىلىكلەردەك ئىمتىيازغا ئىگە قىلىدىكەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012-06-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


خىتاي «خەلق» تورىدا خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچىنىڭ 2010 - يىلدىكى نوپۇسى 3 مىليون 100مىڭ بولۇپ، بۇلارنىڭ 850 مىڭىنى ئاقما نوپۇس تەشكىل قىلىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى 2009 - يىلدىكى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى ياقا يۇرتلۇق ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ ئىككى قېتىم «كۆچمە نوپۇسنى باشقۇرۇش» قا ئالاقىدار قانۇن لايىھىسى تۈزۈپ چىققان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىپ تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىشلىرىنى ئىنتايىن قىيىنلاشتۇرغان ئىدى.

ھالبۇكى، خەۋەردە قانداق ئادەملەرنىڭ «ئاقما نوپۇس» دەپ ئاتىلىدىغانلىقى ئۈرۈمچىگە باشقا شەھەرلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ «ئاقما نوپۇس» دەپ قارىلىدىغان ياكى قارالمايدىغانلىقى كۆرسىتىلمىگەن.

بۇ قېتىملىق تۈزۈم ئۆزگەرتىشنىڭ باشقا شەھەرلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇش ئىشلىرىغا قانداق ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت