ئۈرۈمچى ۋەزىيىتى قايتىدىن جىددىيلەشتى

ئۈرۈمچىدە يەنە مىڭلارچە خىتاي نامايىش ئۆتكۈزدى. داڭلىق خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدا يەر ئالغان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، چارشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى مەيدانغا كەلگەن نامايىشتا مىڭلىغان خىتايلار بىر يەرگە يىغىلىپ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۈرۈمچىدە مۇقىملىقنى بەرپا قىلالمىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۇرگەن. ئۇلار يەنە ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ جاۋاپكارلىرىنىڭ قاتتىق جازالىنىشىنى تەلەپ قىلغان.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009-09-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ قېتىملىق نامايىشتا ئەڭ دىققەت تارتقان نوقتا بولسا نامايىشچى خىتايلارنىڭ بىردەك: "ۋاڭ لېچۇەن تەخىتتىن چۈشسۇن، بۇ ھۆكۈمەت كارغا كەلمەيدىغان ھۆكۈمەت" دەپ شۇئار توۋلىشى بولدى. ئەتىگەن سائەت ئون ئەتراپىدا غەربىي كىچىك قوۋۇق رايونىغا يىغىلغان مىڭلارچە نامايىشچى خىتاي شۇئار توۋلىغاچ ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىغا قاراپ ماڭغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ۋەقە ھەققىدە بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشچى خىتايلار بۇ جەرياندا ئالدىغا يولۇققان ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ بېرىلغان. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى ئىدارە - ئورگانلار ۋە مەكتەپلەرمۇ دەرھال ئىش توختاتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن يەنە بىرى بولسا 5 - ئىيۇل ئۇرۇمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۈرۈمچىدە كىشىلەرنىڭ ئوكۇل يىڭنىسنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ يارىدار بولۇش ۋەقەلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئىكەن. نامايىشچى خىتايلار كوچىدا كېتىۋاتقان كىشىلەرگە ئوكۇل يىڭنىسى سانچىپ يارىدار قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، ھۆكۈمەتتىن بۇ كىشىلەرنى قاتتىق جازالاشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت