ئۈرۈمچىدە بىر خىتاي ئەسكىرى چارچاپ كېتىپ ئۆلگەن، قەھرىمان بولۇپ كۆمۈلگەن

خەلق گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان Shen Zhandong ئىسىملىك بىر خىتاي ئەسكىرى 29 ‏- يانىۋار كۈنى، چارلاش خىزمىتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئېغىر چارچاشتىن ئاغرىپ قالغان ۋە 30 ‏- يانىۋار كۈنى ئەتىگەندە قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-02-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى شېن جەندۇڭنىڭ ئۆلۈمىنى "شەرەپلىك ئۆلۈم" دەپ قاراپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن يەنى 2 ‏- فىۋرال كۈنى كاتتا ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. مۇراسىمغا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايوننىڭ ئۈرۈمچىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى تولۇق قاتناشقان. مەركىزى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىدىن جۇ يۈنكاڭ، مېڭ جيەنجۇ قاتارلىقلار ۋە بىر قىسىم ئۆلكە باشلىقلىرى شېن جەندۇڭنىڭ ئۆلۈمىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە تەزىيەنامە ئەۋەتكەن.

شېن جەندۇڭ ئەسلىدە ئۈرۈمچىدە 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ۋەقەنى باستۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن ئالاھىدە ساقچى قىسىم ئەسكەرلىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ بۈگۈنكى ماتەم مۇراسىمىغا جەمئىي 2300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.

خەلق گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدىن يۆتكەپ كېلىنگەن ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرى ئۈرۈمچىدىكى خىتاي كۈچلىرى بىلەن بىرلىكتە ھازىرغا قەدەر جەمئىي 3334 "جىنايەت گۇماندارى"نى تۇتقۇن قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت