'ئۇيغۇرلار ئۆچ ئېلىشى مۇمكىن' دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشتىن كېيىن خىتايلار يەنە جىددىيلەشتى

خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'شەرق گېزىتى' نىڭ بۈگۈن ئۈرۈمچىدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدىكى خىتاي مەھەللىرىدە 'ئۇيغۇرلار ئۆچ ئېلىشى مۇمكىن'، 'ئۈچ خىل كۈچلەر يەنە ھۇجۇم قىلماقچى' دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشلارنى چاپلىغاندىن كېيىن، خىتايلار يەنە جىددىيلەشتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-09-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى كۆپەيتىپ، ئۈرۈمچىدە كېچە - كۈندۈر كوچىلاردا چارلاش - نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشكە ۋە ئۆز بىنالىرىنى، مەھەللىرىنى خەلق ئۆزى قوغدىشى لازىملىقىنى تەكىتلەشكە باشلىغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇش توختايدىغان، بازارلاردا تىجارەت قالايمىقانلىشىدىغان، خەلق سرتقا چىقالمايدىغان ھادىسىلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

ئۈرۈمچىدىكى خىتايلار ھازىر ھۆكۈمەتتىن، كوچىلارغىلا قوراللىق ساقچى قويۇپ، كىچىك مەھەللىلەر بىلەن كارى بولمىدى، دەپ نارازى بولۇۋاتىدۇ.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۈكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچىدىكى قاتناشنى چەكلەپ، ئاھالىلەردىن ئۈچ كۈنلۈك يېمەك ۋە سۇ تەييارلاش لازىملىقىنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، بۇ شەھەردە تېخىمۇ كۆپ جىددىيلىك يۈز بەردى.

بۈگۈن 9‏ - ئاينىڭ 9‏ - كۈنى 'شىجاڭ خەۋەر تورى' نىڭ بايان قىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە باشقۇرۇش - چەكلەش يولغا قويۇلۇۋاتقان بۇ بىر مەزگىل ئىچىدە، ئاھالىلەرنىڭ ئاشىلىق، ماي، گۆش، كۆكتات بىلەن تەمىنلىنىشى، خۇددى ئۇرۇش ۋاقتىدىكىدەك 'يېشىل كارىدور' ئارقىلىق بولىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت