ئۇيغۇر بوكسچى مۇھەممەتتۇرسۇن لوندون ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاراپ يول ئالدى

بۈگۈن لوندونغا قاراپ يولغا چىققان خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۆمىكى ئىچىدە ئۇيغۇر بوكسچى مۇھەممەتتۇرسۇن چوڭمۇ بار بولۇپ، ئۇ 2000-يىلىدىن بۇيان ئولىمپىكتە قايتا كىرىشكە باشلىغان ئۇيغۇر بوكسچىلارنىڭ بىرى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012-07-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ يىللىق ئولىمپىككە 69 كىلوگراملىقلار بويىچە بوكسچى تاللاش مۇسابىقىسى 5-ئاپرېلدىن 12-ئاپرېلغىچە قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن.

مۇھەممەتتۇرسۇن چوڭ ئۆز گۇرۇپپىسى بويىچە ئاسىيا چېمپىيونى بولۇپ، بۇ يىللىق لوندون ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تاللانغان ئىدى.

2000-يىلى سىدنېيدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ئۇيغۇر بوكسچى ئابدۇراخمان قاتناشقان. گەرچە ئۇ مۇسابىقىدە چوڭ نەتىجە قازىنالمىغان بولمىسىمۇ، ئەينى ۋاقىتتا پۈتكۈل ئۇيغۇرلارغا غايەت زور مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بېغىشلىغان ئىدى.

بىز مۇھەممەتتۇرسۇن چوڭغا نەتىجە ۋە سالامەتلىك تىلەيمىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت