ئۇيغۇر ئېلىگە سېلىنىۋاتقان چەتئەل مەبلىغى كۆرۈنەرلىك ئاشقان

ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي تەڭسىزلىك بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرىلىۋاتقان مەزگىلدە ئۇيغۇر ئېلىگە سېلىنىۋاتقان چەتئەل مەبلىغى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، 396 مىليون دوللارغا يەتكەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012-12-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


شىنخۇا ئاخباراتىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىگە بۇ يىل بىۋاسىتە سېلىنغان چەتئەل مەبلەغلىرى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 30.8 پىرسەنت كۆپەيگەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى باشلىقى خې يىمىڭ : چەتئەل مەبلەغلىرى رايونىنىڭ سانائەتلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىشكە پايدىلىق، دەپ كۆرسەتكەن.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىگە سېلىنىۋاتقان ھەر قانداق شەكىلدىكى مەبلەغ تۈرى يەرلىك ئۇيغۇرلارغا ھازىرغىچە كۆپ مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلمىگەن. ئەكسىچە، بەزى پىلانسىز داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان ئاتالمىش ئېچىش تۈرلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىغا ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىقلارنى سالغان.

ئۆتكەن يىلى گېرمانىيىنىڭ «ۋولكسۋاگون» شىركىتى ئۈرۈمچىدە بىر ماشىنىسازلىق زاۋۇتى قۇرغان ئىدى. ئەمما، بۇ زاۋۇتنىڭمۇ ئۇيغۇرلاردىن قانچىلىك نىسبەتتە ئىشچى ئالىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت