ئۇيغۇر رايونىدا 'مەشھۇر تارىخى شەھەر، كوچا ۋە ئىمارەتلەرنى قوغداش نىزامى' قايتا ئېلان قىلىندى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت يېقىندا "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەشھۇر تارىخى مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخى مەدەنىيەت كوچىسى ۋە تارىخى ئىمارەتلىرىنى قوغداش نىزامىنى ئېلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-08-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تەڭرىتاغ تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نىزام 2002 - يىلىدا ماقۇللانغان قارارنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسى ئىكەن. نىزامنىڭ ئومۇمىي پرىنسىپىدا بۇ نىزامنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەشھۇر تارىخى شەھەر، كوچا ۋە تارىخى ئىمارەتلەرنى قوغداش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، شەھەرلەرنىڭ ئەنئەنىۋى قىياپىتى ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىكى، مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە چىقىرىلغانلىقى ۋە تارىخى شەھەر، كوچا، ئىمارەتلەرنى بېكىتىش، قوغداش، پىلانلاشتا مەزكۇر نىزامنىڭ قوللىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

نىزامدا كۆرسىتىلىشىچە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى بۇ ۋەزىپىنى مەزكۇر نىزامغا ئاساسەن ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەممە ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تارىخى مەدەنىيەت كوچىسى، تارىخى ئىمارەت ۋە شەھەرلەرنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقى، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئەمما كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزى چىقارغان نىزامغا ئۆزى ئەمەل قىلمايدىغانلىقىنى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە ئوخشاش نۇرغۇن قەدىمىي ئورۇنلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ يوليورۇقى بىلەن يوقىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنىڭ تىپىك يالدامىسى بولغان قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونىنىمۇ "يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمەس" دېگەن باھانە بىلەن چېقىپ، كىشىلەرنى ئۆيلىرىدىن مەجبۇرىي ھالدا كۆچۈرۈۋاتماقتا.


تولۇق بەت