ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇسى يىلىغا 350 مىڭ ئەتراپىدا كۆپەيمەكتە

ئۇيغۇر ئېلىدە 19 مارت ئېچىلغان پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇسى يىلىغا 350 مىڭ ئەتراپىدا كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل ئۆسۈش نىسبىتى نوپۇسنىڭ نورمال كۆپىيىش نىسبىتىدىن بىر قەدەر يۇقىرى بولماقتا ئىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-03-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، يىغىندا ھەر دەرىجىلىك پىلانلىق تۇغۇت ئورگانلىرىدىن نوپۇسنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپىيىپ كېتىشىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنى سەكرەش خاراكتېرلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تونۇپ يېتىش تەلەپ قىلىنغان.

يىغىندا يەنە نوپۇسنىڭ كۆپىيىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا "ياخشى مۇھىت ھازىرلاش" قاتارلىقلار تەكىتلەنگەن.

تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قارىغاندا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى 1949 - يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇس قاتلىمىنى غەرەزلىك ھالدا مۇرەككەپلەشتۈرگەن ۋە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇسىنى دەسلەپكى 5 پىرسەنتتىن نۆۋەتتىكى 40 پىرسەنتتىن يۇقىرىغا يەتكۈزگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر قاتارلىق باشقا يەرلىك مىللەتلەرگە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى قاتتىق يۈرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتىنى يۇقىرى دەرىجىدە ئاستىلاتقان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت