بەزى ناھىيىلەردە ئۇيغۇرلارغا چەتئەل مۇخبىرلىرىنى قوبۇل قىلماسلىق بەلگىلىمىسى چىقاردى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بۈگۈن رادىئومىزنىڭ خىتايچە بۆلۈمىگە مەلۇم قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ توققۇزاق، پەيزىۋات ۋە پوسكام ناھىيىلىرىدە، ئاھالىلەرنىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشى چەكلەنگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-06-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇقتۇرۇشتا يەنە، ئاھالىلەر ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چەتئەل مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلسا جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر كۆپ ھاللاردا خەلقئارا جامائەت پىكرىگە پەرۋا قىلماي كەلگەن؛ يۇقىرىقى ئۇقتۇرۇشتىن قارىغاندا، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى تەنقىدىي پىكىرلەردىن بىئارام بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

دىلشات رىشىت بۇ ۋەقەگە ئالاقىدار باياناتىدا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى ۋىلايەت ۋە ئىدارە، جەمئىيەتلەردە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدىغان مەخسۇس باياناتچى بېكىتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي بەلگىلىگەن باياناتچىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى بايان قىلماسلىقى ۋە ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن شەكىلدە مەلۇماتلار بېرىشى ئېھتىمالغا كۆپ يېقىن؛ ئەمما ئۇ يەنە، ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرماسلىققا نىسبەتەن ئېيتقاندا رايون ۋەزىيىتىنىڭ ئاشكارىلىنىشى ئۈچۈن پايدىلىقتۇر.

خىتاينىڭ مۇخبىر قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدىكى بۇ بەلگىلىمىسى، شاۋگۈەن ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقىغا بىرقانچە كۈن، 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقىغا 10 نەچچە كۈن قالغان ۋاقىتقا توغرا كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت