ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى سىمىت، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەركىن تۇغۇشىغا يول قويۇشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كرىستوفىر سىمىت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، غۇلجا شەھىرىنىڭ دادامتۇ يېزىسىدىكى ئۇيغۇر دېھقان ئايالى ئارزۇگۇل تۇرسۇننىڭ بوۋىقىنىڭ سالامەت تۇغۇلغانلىقىنى، لېكىن باشقا ئاياللارنىڭمۇ ئارزۇگۇل تۇرسۇنغا ئوخشاش مۇئامىلىدىن بەھرىمان بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-05-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كرىستوفىر سىمىت بۇ سۆزلەرنى پەيشەنبە كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە چاقىرىلغان 3 - نۆۋەتلىك يىغىنىدا سۆز قىلغاندا تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئارزۇگۇل تۇرسۇننىڭ بوۋىقى سالامەت تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۇ خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىسى جاۋ ۋېنجۇڭغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ بۇ ۋەقەگە جىددىي قارىغانلىقىدىن مەمنۇنىيەت ھېس قىلغانلىقىنى، لېكىن بۇ تۈردىكى مۇئامىلىدىن باشقا ئاياللارمۇ بەھرىمان بولۇشى كېرەك دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

كرىستوفىر سىمىت مۇنداق دەيدۇ": مەن خىتاي ئەلچىسى جاۋغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتىم، لېكىن بىزنىڭ بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئىشلارنى كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇم.

غۇلجا شەھىرىنىڭ دادامتۇ يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئارزۇگۇل تۇرسۇن 2008 - يىلى 3 ‏- پەرزەنتىگە ھامىلدار ئىدى. لېكىن يېزىلىق ھۆكۈمەت ھامىلىنى ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلىپ، 11 - ئايدا ئۇنى شەھەرلىك سۇ دارۋازا دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بارغان.

بۇ ۋەقە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. كرىستوفىر سىمىت، خىتاي ئەلچىسى جاۋ ۋېنجۇڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئارزۇگۇلنىڭ بالىسىنى قۇتقۇزۇۋېلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. كرىستوفىر سىمىت، قۇرۇلتايدا بۇ ۋەقەنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت