ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى مەمۇرىي كادىر قوبۇل قىلىش بويىچە يېڭى پلان باشلىدى

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋە قىزىلسۇدىن ئىبارەت تۆت ۋىلايەت ۋە ئوبلاست تەۋەسىدە ھەر يىلى 1200 نەپەر مەمۇرىي خىزمەتچى قوبۇل قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر قارار بويىچە يۇقىرىدا نامى ئاتالغان ۋىلايەت ۋە ئوبلاست تەۋەسىدە نوپۇسى بار ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياشلارغا نىسبەتەن ئېتىبار بېرىش چارىسى قوللىنىپ، ھەر يىلى 1200 ئادەمنى مەمۇرىي خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش بەلگىلەنگەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012-03-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇر تورىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر پلان بۇ يىلدىن باشلاپ، ئۈچ يىلغىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ. ئوقۇش تارىخى،كەسپى قاتارلىق تەرەپلەردىن ئېتىبار بېرىلىدىكەن. بۇ مەمۇرىي كادىرلار ئاساسىي قاتلاملارغا ئورۇنلاشتۇرىلىدىكەن. ئەمما بۇ خەۋەردە مەزكۇر مەمۇرىيلارنىڭ مىللەت نىسبىتى ھەققىدە ئېنىقلىما كۆرسىتىلمىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت