ئۇيغۇر ئېلىدە 2 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق نامرات بار

تەڭرىتاغ خەۋەرلەر تورىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى چاغان ئالدىدا يېزا - بازارلاردىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە بايراملىق ياردەم پۇلى تارقاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-01-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەۋەردە دىققەت تارتىدىغىنى بۇ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنىڭ سانىنىڭ يۇقىرىلىقى بولۇپ، 2 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق نامرات كىشىگە ياردەم پۇلى تارقىتىلغان.

خەۋەردە، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنىڭ يېزا - قىشلاقلاردىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارغا بايراملىق پۇل تارقىتىش ئۈچۈن 547 مىليون يۈەن ئاجراتقانلىقى شۇنداقلا بۇ ياردەمنىڭ شەھەر، يېزىلاردىكى دەم ئېلىشقا چىققان پېشقەدەم كومپارتىيە ئەزالىرىغا تارقىتىلغانلىقى ئاشكارىلانغان.

يۇقىرىدىكى رەقەملەرنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامراتلىقنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەمەلىي پاكىت، دەپ كۆرسەتكەن كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان يۈرگۈزۈۋاتقان ئاتالمىش «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش»، «غەربنى ئېچىش» ۋە ياكى «ھالقىما تەرەققىيات» پىلانلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى سۈرگەندەك ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى باي قىلمىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئۇلارنى ئىچكىرىدىن كەلگەن خىتاي كۆچمەنلەر ۋە شىركەتلەرنىڭ قۇللىرىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، مول نېفىت ۋە تەبىئىي بايلىقنىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نامراتلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنىڭ ئوچۇق ئىسپاتى، دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت