ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-02-04
تارىم نېفىتلىكى "جۇڭگو نېفىت - خىمىيە شىركىتى"نىڭ باشقۇرۇشىدىكى 2 - چوڭ نېفىتلىك بولۇپ، مەزكۇر نېفىتلىك 2008 - يىلى 6 مىليون توننا خام نېفىت ئىشلەپچىقارغان ئىدى.
شىنخۇا تورى بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە "جۇڭگو نېفىت خىمىيە شىركىتى"نىڭ تارىم نېفىتلىكىگە 9 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، " جۇڭگو نېفىت - خىمىيە شىركىتى" خام نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان شىركەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، لېكىن خام نېفىت قېزىش بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىيالمىغان.
مەزكۇر شىركەتنىڭ نېفىت قېزىش ئىقتىدارى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا يېتىشەلمەي نېفىت ئىمپورتقا تايىنىپ قالغان بولۇپ، خەلقئارا نېفىت باھاسى ئىگىز - پەس بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۆز ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلاپ قويغان.
كۆزەتكۈچىلەر، بۇنى خىتاي نېفىت - خىمىيە شىركىتىنىڭ تارىمغا 10 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، نېفىت قېزىشنى كېڭەيتىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى، دەپ قاراشقان. لېكىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئېچىش پىلانىنى تەنقىدلەپ، يەرلىك خەلقنى مەنپەئەتدار قىلالمايدىغان " بۇلاڭ - تالاڭ" خاراكتېرلىك ئېچىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.