ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت 34 نەپەر نازارەت دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرنى ئاشكارا قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقاردى

ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت بۈگۈن، 34 نەپەر نازارەت دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاپ قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-10-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتايچە تەڭرىتاغ تورىدا ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا يېڭىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان 34 رەھبىرى كادىرنىڭ 11 نەپىرى خىتاي، 9 نەپىرى ئۇيغۇر، 4 نەپىرى قازاق، 2 نەپىرى تۇڭگان، 2 نەپىرى قىرغىز، 2 نەپىرى موڭغۇل ۋە قالغان ئىككى نەپىرى باشقا ئاز سانلىق مىللەتتىن دەپ كۆرسىتىلگەن. ئۇقتۇرۇشتا، رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ، ھالقىما تەرەققىيات پىلانى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئىستراتېگىيىسى بويىچە، كادىرلار تۈزۈمىنى ئىسلاھات قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
 
ئۇقتۇرۇشتا نامزاتلارغا قويۇلغان شەرتلەردە، كومپارتىيىگە سادىق بولۇش بىرىنچى شەرت ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىككىنچى شەرت قىلىپ كۆرسىتىلگەن ۋە نامزاتلارنىڭ ئەڭ ئاز 2 يىل نازارەت دەرىجىلىك رەھبىرى ئورۇندا ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن.

ئۇقتۇرۇش مەزمۇنىدىن قارىغاندا، يېڭى رەھبەر قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنىڭ پەقەت شەكلىدىلا قىسمەن ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقى، ماھىيەت جەھەتتە بولسا، ھوقۇق تەقسىماتىدا خىتاي مىللىتىنى ۋە كومپارتىيە ئەزالىرىنى ئاساس قىلىش ئەنئەنىسىگە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىنىدىغانلىقى كۆرۈلمەكتە.

 
تولۇق بەت