خىتاي يەنە ئىچكىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە كەڭ دائىرىدە 'ئىختىساسلىق خادىم' قوبۇل قىلىشقا تەييارلانماقتا

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئىچكىرىدىن كەڭ دائىرىدە "ئىختىساسلىق خادىم" قوبۇل قىلىشقا تەييارلانماقتا. شىنخۇئا خەۋەرلەر تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت 16 - چىسلا يىغىن چاقىرىپ، 2010 - يىللىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر ساھەگە مەنسۇپ خىزمەت ئورۇنلىرىغا جىددىي لازىم بولغان " ئىختىساس ئىگىلىرى" نىڭ سانىنى ئېنىقلاپ چىقىش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلغان.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009-12-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

پىلان بويىچە، ھەرقايسى شەھەر - ناھىيىلەردىكى، تۈرلۈك كەسپىي ئورۇنلارغا زادى قانچىلىك ئىختىساس ئىگىسىنىڭ جىددىي لازىملىقى، تۈرلەر بويىچە ئايرىپ چىقىلغاندىن كېيىن، كاتالوگ ھازىرلىنىدىكەن.

شۇنىڭدەك يەنە 2010 - يىلى 3 - ئايدا سىرتقا قارىتا "ئىختىساس ئىگىسى" چاقىرىش خىزمىتى باشلىنىدىكەن. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، بۇ يىل ئۇيغۇر رايونىغا قوبۇل قىلىنىدىغان ئىختىساس ئىگىلىرى 5 تۈر بويىچە قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇلار پارتىيە - ھۆكۈمەت خادىملىرى، كەسپىي تېخنىك خادىملار، ئىگىلىك باشقۇرۇش خادىملىرى، يۇقىرى تېخنىكا خادىملىرى ۋە يېزىلارغا كېرەكلىك خادىملاردىن تەركىپ تاپىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر بولسا، بۇنداق "ئىختىساسلىق خادىم" لارنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا خىتاي كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىگە ئېغىر خىرىس پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە ئىيۇن ئېيىدا 2009 - يىللىق خىتاي ستۇدېنت پىدائىيلارنىڭ غەربىي رايوندا خىزمەت قىلىش پىلانىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان تىزىملاش بويىچە پەقەت بىر قانچە ئۆلكىدىنلا 100 مىڭغا يېقىن خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىشقا تىزىملاتقانلىقىغا دائىر خەۋەر بېرىلگەن ئىدى.

بۇ ھەقتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىمۇ دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشىدا ئوچۇق - ئاشكارا مىللىي كەمسىتىلىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى پاكىت بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت