' ئۇيغۇر بىز ' تور بېتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىلھام توختىنىڭ ئاخبارات ساھەسى بىلەن ئالاقىلىشىشى چەكلەندى

مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي دائىرىلىرى 20 - مارت كۈنى "ئۇيغۇر بىز" تور بېتىنى يەنە تاقىغان. بۇ "ئۇيغۇر بىز" تورىنىڭ 6 - قېتىم تاقىلىشى ھېسابلىنىدۇ،شۇنداقلا بۇ تور بەت قۇرغۇچىسى ئىلھام توختىنىڭ فىرانسىيە زىيارىتىدىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىم تاقىلىشىدۇر.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009-03-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر تور بەتنى تاقىغاندىن سىرت، تور بەت ساھىبى، خىتاي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنىڭ ھەر قانداق مەتبۇئات ساھەسى بىلەن ئالاقە ئورنىتىشىنى چەكلىگەن.

بۇنىڭ ئالدىدا مەزكۇر تور بەتتە ئىلھام توختىنىڭ رادىئومىزدا ئېلان قىلغان مۇلاھىزىلىرى ئېلان قىلغان ئىدى، بۇ مۇلاھىزىلەر ئىچىدە "ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ لاياقەتسىزلىكى"  توغرىسىدىكى مۇلاھىزە،  "ئۇيغۇر بىز" تور بېتىدە ئەڭ كۆپ چېكىلگەن يەنى تاقالغانغا قەدەر 9800 قېتىمغا يەتكەن شۇنداقلا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغان ئىدى.

"ئۇيغۇر بىز" تور بېتى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى ئاۋازلىق كۆچۈرۈپ تارقاتقان تۇنجى خىتاي ئىچىدىكى تور بەت بولغاندىن سىرت ئىلھام توختىمۇ، ئۇيغۇرلارغا دائىر سىياسىي مەسىلىلەر ھەققىدە رادىئومىزدا ئۆز ئىسمى ھەم ئاۋازى بىلەن مۇلاھىزە ئېلان قىلغۇچىدۇر.

"ئۇيغۇر بىز" تور بېتى ۋە ئىلھام توختى خىتاي قانۇنلىرى دائىرىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ رېئال مەسىلىلىرىنى دادىل ئوتتۇرغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت