خىتاي سىتاتستىكىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي نوپۇسى 10 يىلدا بىر مىليون 260 مىڭ كۆپەيگەنلىكى مەلۇم قىلىندى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان 6-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇقىم ئولتۇراقلاشقان خىتايلار نوپۇسى 8 مىليون 746مىڭ 148 كىشىگە يەتكەن بولۇپ، رايوندىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىدىن يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011-05-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مۇقىم ئولتۇراقلاشقان كۆچمەن خىتايلار رايوندىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 40.1% ئىنى ئىگىلىگەن.رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق بارلىق مىللەتلەر نوپۇسى 13 مىليون 67 مىڭ 186 نەپەر دەپ ئېلان قىلىنىپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 59.9% نى ئىگىلىگەن. ئەپسۇسكى، خىتاي ھۆكۈمىتى مەلۇماتىدا ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئايرىم نوپۇس سانىنى ئېلان قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرمىگەن.

ئۇيغۇربىز تور بېكىتىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىدە 17-ماي ئېلان قىلىنغان رايوندىكى نوپۇس ھەققىدىكى سېلىشتۇرما مەلۇماتتا دېيىلىشىچە، 2000-يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشتە، رايوندىكى مۇقىم ئولتۇراقلاشقان كۆچمەن خىتايلار نوپۇسى 7 مىليون 489 مىڭ 919 نەپەر دەپ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتايلارنىڭ 10 يىلدا بىر مىليون 260 مىڭ نەپەر كۆپەيگەنلىكى بايان قىلىنغان. ئەمما خىتاينىڭ ئېلان قىلغان ستاتىستىكىسىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ 10 يىلدا زادى قانچىلىك كۆپەيگەنلىكىنى ئېنىقلاش مۇمكىن بولمىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت