ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى بارغانسېرى تۆۋەنلىمەكتە

بۈگۈن خىتاينىڭ شىنخۇئا خەۋەرلەر تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر دىيارى مىقياسى بويىچە ئالاھىدە ساقچى خادىمى قوبۇل قىلىش خىزمەت ئېلانىغا جەمئىي 16 مىڭ 44 كىشى ئىلتىماس قىلغان. بۇ رەقەم قوبۇل قىلىنىدىغان ساقچى سانىدىن 11 ھەسسە ئېشىپ كەتكەن.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009-12-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە 1500 كىشى ئالاھىدە ساقچىلىققا قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، ئەمما بۇنىڭ ئاران 30 نەپىرى "ئاز سانلىق مىللەتلەر" دىن تەشكىل تاپىدىكەن.

شىنخۇئا خەۋەر تورىنىڭ بايان قىلىشىچە، 15 نەپەر ئاز سانلىق مىللەت ئەرلىرى قوبۇل قىلىنىدىغان خىزمەتتە رىقابەت ئىنتايىن ئېغىر بولغان، 15 خىزمەت ئورنى ئۈچۈن 2151 كىشى ئىلتىماس قىلغان. 15 نەپەر ئاز سانلىق مىللەت قىزلىرى قوبۇل قىلىنىدىغان ئىشقا بولسا 1891 كىشى ئىلتىماس قىلغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر دىيارىدا ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئىنتايىن قېيىن بولۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا كەمسىتىلىشكە ئۇچرىماقتا.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 80 - يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا ئاپتونومىيە قانۇنى بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى 60 پىرسەنت دەپ بەلگىلەنگەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەنلەپ كەتكەن.

چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىزمەت ئېلانلىرىغا "ئۇيغۇرلار قوبۇل قىلىنمايدۇ" دەپ ئوچۇق - ئاشكارە يازىدىغانلىقىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ساھەدە مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى دوكلات قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت