'5 - ئىيۇل' نامايىشچىلىرىدىن ئىككى ئۇيغۇر ۋيېتنامدا ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن

يېقىندا كامبودژاغا قېچىپ چىقىپ، ب د ت نىڭ پىنوم پېندىكى ئىشخانىسىدىن پاناھلىق تىلىگەن "5 ‏- ئىيۇل" نامايىشچىلىرىنىڭ سەپەرداشلىرىدىن 2 كىشىنىڭ، كامبودژاغا قېچىش جەريانىدا ۋيېتنامدا ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-12-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كامبودژادىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 9 ‏- ئايدا كامبودژاغا يېتىپ بارغان 22 نەپەر ئۇيغۇر خىتايدىن يولغا چىققاندا بىر قانچە گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ماڭغان بولۇپ، 5 كىشىلىك بىر گۇرۇپپىنىڭ ئىچىدىكى ئىككى كىشى كامبودژاغا يېتىپ بارالماي ۋيېتنامدا ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن.

"5 - ئىيۇل" نامايىشچىلىرىنى ئاساس قىلغان بۇ 5 كىشىلىك گۇرۇپپا ۋيېتنامغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، كامبودژاغا بېرىش ئۈچۈن ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن. ئۇلارنىڭ ئىچكى 3 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا پىنوم پېنغا سالامەت يېتىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن 2 كىشىلىك يەنە بىر گۇرۇپپىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىز دېرىكى بولمىغان.
 
بۇ ئىككى كىشىنىڭ ۋيېتنام دائىرىلىرىگە تۇتۇلۇپ قېلىپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ۋە ياكى باشقا بىر ئېھتىماللىققا يولۇققانلىقى مەلۇم ئەمەس ئىكەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ كامبودژاغا كېلىپ پاناھلىق تىلىگەنلىك ۋەقەسى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ۋيېتنام ۋە كامبودژادىكى دىپلوماتىك ئورگانلىرى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتكەن شۇنداقلا خىتاي - ۋيېتنام چېگرىسىدىكى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەن ئىدى.

 ۋەقەدىن خەۋەرلەر كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل 15 ‏- سېنتەبىردىن كېيىن شېنجېن، گۇاڭجۇ ۋە كۈنمىڭ شەھەرلىرىدە ئاز دېگەندە 31 نەپەر ئۇيغۇرنى قولغا ئالغان. خەۋەرلەردە گۇاڭجۇ ۋە شېنجېندىكى "شىنجاڭ ئىش باشقارمىسى"نىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى قولغا ئېلىش ھەرىكىتىدە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت