ۋاڭ لېچۈەن بىڭتۇەندىكى ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاندى

ۋاڭ لېچۈەن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ 1 - سىياسىي كومىسسارلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-05-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ۋاڭ لېچۈەننىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ 1 - سىياسىي كومىسسارلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ئۇيغۇر ئېلىدە 16 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ۋاڭ لېچۈەن 24 - ئاپرېل كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پارتكوم سېكرېتارلىق ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلانغان. ئۇنىڭ ئورنىغا خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن تەيىنلەنگەن ئىدى.

يېڭى سېكرېتار جاڭ چۈنشيەن بىڭتۇەننىڭ 1 - سىياسىي كومىسسارلىق ۋەزىپىسىنى قولىغا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىي ھوقۇقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت