سابىق ساقچى باشلىقى ۋاڭ لىجۈن ۋەتەن خائىنى جىنايىتى بىلەن سوتقا تارتىلماقچى

جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 3 ئاينىڭ ئالدىدا ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا قېچىپ كىرىپ مۇداپىئەلەنگەن خىتاي ساقچى باشلىقى ۋاڭ لىجۈن كېلەر ئاينىڭ بېشىدا سوتقا تارتىلماقچى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012-05-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە چېڭدۇ شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى ۋاڭ لىجۈننى ۋەتەن خائىنلىقى بىلەن ئەيىبلەپ سوتلىماقچى. خەۋەردە پىكىر بايان قىلغان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر ۋاڭ لىجۈننىڭ قىلمىشى ۋەتەن خائىنلىقى دەپ بېكىتىلسە ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى مۇمكىن؛ لېكىن ۋاڭ لىجۈننىڭ قىلغان ئىشىدا زوراۋانلىق تۈسى بولمىغىنى ئۈچۈن، ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەسلىك ئېھتىماللىقىمۇ بار.

ۋاڭ لىجۈن ئەسلىدە چۇڭچىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئۇ ئەنگلىيىلىك سودىگەر نېيل ھېيۋودنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچراش دېلوسىنى پاش قىلىش داۋامىدا، چۇڭچىڭ شەھەر باشلىقى بو شىلەي بىلەن مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇپ ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قالغان.

ئۇ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ يىل 2-ئاينىڭ 6-كۈنى چېڭدۇ شەھىرىدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا قېچىپ كىرىپ مۇداپىئەلەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ لىجۈن ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا ئەنگلىيە پۇقراسى نېىل ھېيۋودنى بو شىلەينىڭ ئايالى گۇ كەيلەينىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىگە ئائىت ۋە ئۇچۇر ۋە پاكىتلارنى يەتكۈزگەن. بۇ، نۆۋەتتە تەخمىن قىلىنىۋاتقان خىتاينىڭ يۇقىرى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى بۆلۈنۈشنىڭ باشلانغۇچ نۇقتىسى دەپ قارالماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت