ۋاتسلاۋ خاۋېل خىتاينى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى

سابىق چېخىيە پرېزىدېنتى ۋاتسلاۋ خاۋېل جۈمە كۈنى ئامېرىكىنىڭ Wall Street Journal گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىگە ھۈرمەت قىلىش، ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرغان كىشىلەرنى باستۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2008-12-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ۋاتسلاۋ خاۋېل Wall Street Journal دىكى ماقالىسىدە 5000 غا يېقىن خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيسىنىڭ يېقىندا ئاساسىي قانۇن 2008 ‏ - يىل چاقىرىقنامىسى ئېلان قىلىپ، ئاساسى كىشىلىك ھوقۇق، ئەدلىيە مۇستەقىللىقى ۋە دېموكراتىيە تەلەپ قىلغانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاساسىي قانۇن 2008 ‏ - يىل چاقىرىقنامىسىنىڭ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان بىر ھۆججەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋاتسلاۋ خاۋېل، ئۇنىڭ "كىشىلىك ھوقۇق، ياخشى باشقۇرۇش، پۇقرالارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆز ھۆكۈمىتىنى دائىملىق نازارەت قىلىش، دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋى ئوچۇق جەمئىيەتتە رول ئوينىشىغا كاپالەتلىك قىلىش" نى مەقسەت قىلغان نىزامنامە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ۋاتسلاۋ خاۋېل 1977 ‏ - يىلى چېخىسلاۋىكىيىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغان ئاساسىي قانۇن77 ‏ - يىل چاقىرىقنامىسىنى تۈزۈشكە قاتناشقانلىقتىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىدە ياتقان ئىدى. خاۋېل مۇنداق دەيدۇ": خىتاي ھۆكۈمىتى 77 ‏ - يىل نىزامنامە ھەرىكىتىدىن ساۋاق ئېلىپ، قورقۇتۇش، تەشۋىقات ھەرىكىتى ۋە باستۇرۇشلار دىئالوگنىڭ ئورنىنى باسالمايدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك."

ۋاتسلاۋ خاۋېلنىڭ ئەسكەرتىشىچە، قولغا ئېلىنغان ئۆكتىچى زات ليۇ شاۋبو دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلگەندىلا ئاندىن بېيجىڭنىڭ ساۋاق ئالغانلىقى نامايەن بولىدىكەن. ئۇ يەنە، خىتاينىڭ ئاساسى قانۇن 2008 ‏ - يىل چاقىرىقنامىسىغا ئىمزا قويغۇچىلارنى جازالاش ئەمەس، ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ليۇ شاۋبو قاتارلىق خىتاي زىيالىيلىرى يېقىندا 2008 ‏ - يىل ئاساسىي قانۇن نىزامنامىسىغا ئىمزا قويۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنى سىياسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئىمزا قويۇش ھەرىكىتى باشلىغان ليۇ شاۋبونى قولغا ئالغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت