خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «23‏-ئىيۇل ۋېنجۇ تېز سۈرەتلىك پويىز ۋەقەسى» نى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئاخىرى ئېلان قىلىندى

خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى «23‏-ئىيۇل ۋېنجۇ تېز سۈرەتلىك پويىز ۋەقەسى» نى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، ۋەقەنى كونترول مەركىزىنىڭ زاپچاسلىرىدىكى ئېغىر لايىھىلەش خاتالىقى، پويىز مەشغۇلات سىستېمىسىنى تەكشۈرۈش ئۆتكىلىنىڭ قاتتىق ئەمەسلىكى، پويىزدا كاشىلا يۈز بەرگەندە ئۇنى توغرا بىر تەرەپ قىلماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەرنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011-12-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دوكلاتتا يەنە، تۆمۈريول مىنىستىرلىقى بىلەن شاڭخەي شەھەرلىك تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى توغرا ئېلىپ بارمىغانلىقى، جەمئىيەتنى توغرا ئىنكاس ۋە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىمەي، يامان ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

سابىق تۆمۈريول مىنىستىرى ليۇ جىجۈن قاتارلىق كىشىلەر ئىنتىزام ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى سادىر قىلغان، دەپ قارالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قانۇنى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان.

2011‏-يىلى 7‏-ئاينىڭ 23‏-كۈنى شاڭخەيدىن بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىققان تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار پويىزى ۋېنجۇغا كەلگەندە ئالدىدا كېتىۋاتقان يەنە بىر تېز سۈرئەتلىك پويىزغا سوقۇلۇپ كېتىپ، 40 ئادەم ئۆلگەن، 200 ئادەم يارىلانغان ئىدى.

بۇ ۋەقە خىتايدا زور غۇلغۇلا قوزغاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغان. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى چارشەنبە كۈنى مەخسۇس مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە يىغىن چاقىرغان. يىغىندا 54 نەپەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تەكشۈرۈشنى قارار قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت