ۋىكىلىكسنىڭ قۇرغۇچىسى ئاسسېنگې: خىتاي بىزنىڭ ھەقىقىي دۈشمىنىمىز

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىپلوماتىك مەخپىي ھۆججەتلىرىنى دۇنياغا ئاشكارىلاش بىلەن نام چىقارغان ۋىكىلىكس تۆر بېتىنىڭ قۇرغۇچىسى جۇلىان ئاسسېنگې چارشەنبە كۈنى ئەنگلىيە مەتبۇئاتلىرىغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك چەكلىمىسى ئەڭ قاتتىق دۆلەت ئىكەنلىكى، بىراق ۋىكىلىكس خىتاينىڭ تۈرلۈك ئاخبارات چەكلىمىلىرىدىن ئاتلاپ ئۆتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011-01-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاسسېنگې چارشەنبە كۈنى ئەنگلىيە "دۆلەت ئەربابى" ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان باياناتتا يەنە، ئامېرىكا ۋىكىلىكسنىڭ دۈشمىنى ئەمەس، بەلكى خىتاي ئۇنىڭ ئاساسلىق تېخنىلوگىيىلىك دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، "خىتاينىڭ ناھايىتى ئۆتكۈر ۋە رىقابەتچى تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، مەملىكەت سىرتىدىكى ئۇچۇر مەنبەلىرى بىلەن مەملىكەت ئىچىدىكى ھەر بىر تورداش ئارىسىدا توسۇق قۇرغانلىقى" نى، لېكىن ئۆزلىرىنىڭ خىتاي تورداشلىرىنى ۋىكىلىكس ئېلان قىلغان بارلىق ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ۋىكىلىكس ھازىرغا قەدەر دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ بېيجىڭغا يوللىغان دىپلوماتىك ھۆججەتلىرىنى ئاشكارىلاپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئاشكارىلىغان بەزى ئامېرىكا دىپلوماتىك ھۆججەتلىرىدە خىتايغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنغان ئىدى.

ۋىكىلىكس ئاشكارىلىغان ھۆججەتلەر ئىچىدە بېشكەكتىكى ئامېرىكا باش ئەلچىسىنىڭ خىتاي باش ئەلچىسى بىلەن ئېلىپ بارغان ماناس ئايرودرومى ۋە گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا دائىر سۆھبىتى، بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاشىنگتونغا يوللىغان "5‏-ئىيۇل ۋەقەسى" نىڭ خىتاي- مۇسۇلمانلار مۇناسىۋىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە ئالاقىدار بەزى ھۆججەتلەر بار ئىدى.

ئاسسېنگې ئەسلى ئاۋسترالىيىلىك بولۇپ، 2006‏-يىلى 12‏-ئايدا ۋىكىلىكس تورىنى قۇرغان. ئۇ ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا دىپلوماتىك مەخپىي ھۆججەتلىرىنى ئاشكارىلاپ، دۇنيادىكى مەشھۇر شەخسلەردىن بولۇپ قالغان. لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاسسېنگېنىنىڭ ھەرىكىتىنى قانۇنسىزلىق دەپ ئېلان قىلىپ، ئۇنى جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت