ۋىكىلىكس ئاشكارىلىغان ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نەنسى پېلوسىنىڭ تىبەتنى زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئالاقزادە قىلىۋەتكەن

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خىتايدا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەخپىي خەت-چەكلىرىنى ئاشكارىلاپ، دۇنيانى زىل- زىلىگە سالغان تور بېتى "ۋىكىلىكس" نى چەكلىگەن. خىتاينىڭ مەزكۇر تور بېتىنى توسۇۋېتىشى ئۇنىڭدا ئېلان قىلىنغان بەزى دىپلوماتىك ماتېرىياللارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى، دالاي لاما، گوگول تور بېكىتى ۋە خىتاينىڭ ئىران، شىمالىي كورىيە قاتارلىق مەسىلىلەردىكى ئىككى يۈزلىمىچىلىك سىياسىتىگە ئالاقىدار ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ كۆرسەتمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-12-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

"ۋىكىلىكس" ئېلان قىلغان دىپلوماتىك خەت-چەكلەردە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق رەئىسى نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ ئۆتكەن يىلى خىتاينى زىيارەت قىلغاندا تىبەتكە بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ۋە بۇنىڭغا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ قۇيتۇرغان ئىنكاسىغا دائىر ئۇچۇرلار بار. "ۋىكىلىكس" ئېلان قىلغان دىپلوماتىك خەت -چەكلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق رەئىسى نەنسى پېلوسى خانىم 2009‏- يىلى 5‏ - ئاينىڭ ئاخىرلىرى خىتايغا قىلغان سەپىرىدە خىتاي ئەمەلدارلىرىدىن تىبەتنى زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن ئۇنىڭ تەلىپى خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خې يافېي تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.

بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوللىغان يەنە بىر ئەسلەتمىسىدە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ پېلۆسىنىڭ تىبەتنى زىيارەت قىلىش تەكلىپىدىن ئالاقزادە بولۇپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئۇچۇرنىڭ ئۆزلىرىگە قازاقىستاننىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسى تەرىپىدىن يەتكۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. "ۋىكىلىكس" نىڭ ئامېرىكا مەخپىي دىپلوماتىك خەت-چەكلىرىنى ئاشكارە ئېلان قىلىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلىپلا قالماي، نۇرغۇن دۆلەتلەرنى ئەندىشىگە سالغان.

چۈنكى، بۇ خەت-چەكلەردە ھەر قايسى ئەللەردىكى ئامېرىكا دىپلوماتىك ئەمەلدارلىرىنىڭ شۇ دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان خۇسۇسى سۆھبەتلەر ھەم ئامېرىكا دىپلوماتلىرى يوللىغان شەخس ۋە ۋەزىيەتكە دائىر ئۇچۇرلار قەيت قىلىنغان ئىدى. دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون خانىم، بۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن باشقا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە تەسىر قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن "ۋىكىلىكس" نىڭ ھەركىتىنى "قانۇنسىزلىق" دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى "ۋىكىلىكس" نىڭ ئاۋسترالىيىلىك قۇرغۇچىسى جون ئاسسېنگې ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت