خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتايدىن خادانىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن موڭغۇل پائالىيەتچى خادانىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2010-12-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باياناتىدا خادانىڭ جازا مۇددىتى توشۇپ ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھازىر ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ھېچقانداق ئىز - دېرىكىنىڭ بولمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى دەرھال بۇ ھەقتە بىر ئۇچۇر بېرىشكە چاقىرغان.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى بىئارام بولىدىغان كىشىلەرنى بۇنداقلا يوشۇرۇۋالماسلىقى كېرەك، خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھال خادا ۋە ئۇنىڭ ئايالى، بالىلىرىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە خەلقئارا جامائەتكە ئېنىق ئۇچۇر بېرىشى كېرەك."

مەلۇم بولۇشىچە، موڭغۇل پائالىيەتچى خادانىڭ 15 يىللىق جازا مۇددىتى 10- دېكابىر كۈنى توشۇش ئالدىدا خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئايالى شىنانىمۇ تۇتۇپ كەتكەن ۋە ئۇنىڭ ئوغلىنى دادىسى قويۇپ بېرىلگەندە دادىسىنى كۈتۈۋالماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. ھازىر خادانىڭ قويۇپ بېرىلگەن ياكى قويۇپ بېرىلمىگەنلىكى، قويۇپ بېرىلگەن بولسا ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ھازىر قەيەردە ئىكەنلىكى نامەلۇم.

ئىچكى موڭغۇللۇق پائالىيەتچى خادا موڭغۇل ئۆكتىچى ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ، ئۇ جەنۇبىي موڭغۇلىيە دېموكراتىك ئىتتىپاقىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. ئۇ 1996- يىلى، بۆلگۈنچىلىك ۋە جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. نۆۋەتتە خەلقئارادىكى ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۇنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت