خىتاي دائىرىلىرى 460 دىن ئارتۇق خاككىرنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى مەملىكەت بويىچە خاككىرلارغا قارشى ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-12-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

گېرمانىيە ئاۋازى رادىئوسىدا بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ بايانى مەركىزى شىۋىتسىيىدىكى ۋىكىلىكس تورىنىڭ خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ گۇگۇل تورىغا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمغا بىۋاستە رەھبەرلىك قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىشىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان.

خىتاي جامائەت خەپسىزلىك مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، بۇ يىل 11- ئاينىڭ ئاخىرىلىرىدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلغان تازىلاش، ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى نەتىجىسىدە 460 دىن ئارتۇق قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى خاككىرلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا دائىر جىنايى ۋەقەلەردىن 180نى پاش قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئەمما، خەلقئارا جەمئىيەت بولسا ئىزچىل ھالدا چەتئەللەردىكى ھەرقايسى مۇھىم ئورگان ۋە تەشكىلاتلارنىڭ تور بەتلىرىگە، ئۇچۇر ئارخىپلىرىغا قىلىنىۋاتقان خاككىرلىق ھۇجۇمىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاستە قولى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاينى بۇ جەھەتتە ئەيىبلەپ كەلگەن. بۇ قېتىم خەلقئارادا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغان ۋىكىلىكىس ئاشكارىلىغان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئائىـت مەخپى خەت - چەكلەردىمۇ گۇگۇل شىركىتىگە ئېلىپ بېرىلغان خاككىرلىق ھۇجۇمىدا خىتاينىڭ يۇقىرى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ بىۋاستە قولى بارلىقى تىلغا ئېلىنغان. كۆزەتكۈچىلەر شۇڭا بۇ ئىككى مەسىلىسىنىڭ بىر- بىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خاككىرلارنى تازىلاۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئاقلاشنى نىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا ئىكەن.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خىتايدا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەخپىي خەت-چەكلىرىنى ئاشكارىلاپ، دۇنيانى زىل- زىلىگە سالغان تور بېتى "ۋىكىلىكس" نىمۇ چەكلىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت