ئۈرۈمچىدە خەلقئارالىق تېلېفون ئالاقىلىرىنى تارقىتىش-قوبۇل قىلىش مەركىزى قۇرۇلماقچى

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە خەلقئارالىق تېلېفون ئالاقىلىرىنى تارقىتىش-قوبۇل قىلىش مەركىزى قۇرۇشنى قارار قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011-12-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ خىل خەلقئارالىق ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ئالاقىلىرىنى تارقىتىش ۋە قوبۇل مەركىزى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇئاڭجۇ قاتارلىق 3 چوڭ شەھەردە بولۇپ، بۇنىڭ 4-چىسى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلىدىكەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بولغان تېلېفون ئۇچۇر ئالاقىسىنى تېزلەشتۈرۈش ۋە تېلېفون ئالاقە تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدىغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى ئارىسىدا 4 ئوپتىكىلىق كابېل ئورنىتىلىپ بولۇنغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئۈرۈمچىدە قۇرۇلىدىغان بۇ تېلېفون-ئۇچۇر ئالاقىلىرىنى تارقىتىش-قوبۇل قىلىش مەركىزىنىڭ خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت ئارىسىدىكى ئۇچۇر-ئالاقە مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ، خىتاينىڭ ئوتتۇرا، جەنۇبىي ۋە شەرقىي ئاسىيا ھەم ياۋروپاغا يۈزلىنىشىگە مۇھىم ئاساس سالىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ئۈرۈمچىدە قۇرۇلىدىغان تېلېفون-ئۇچۇر ئالاقىلىرى تارقىتىش-قوبۇل قىلىش مەركىزىنىڭ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيىسى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت