خەينەندە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك مۇش مۇسابىقىسىدە مەمەتتۇرسۇن چوڭ، سەيپۇللا مەممەت ئالتۇن مېدال ئالدى

خەينەن تورىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ خەينەن ئارىلىدا 23 - مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك مۇش مۇسابىقىسىدە، يېڭى چېگرادىن كەلگەن مۇشچىلارنىڭ ئىقتىدارى ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-03-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

69 كىلو دەرىجىلىك مۇشچى مەمەتتۇرسۇن چوڭ، 91 كىلو دەرىجىلىك مۇشچى سەيپۇللا مەممەتلەر ئالتۇن مېدال ئالغان، 91 كىلودىن يۇقىرى دەرىجىلىك مۇشچى نىجات ھۈسەن كۈمۈش مېدال ئالغان.

خەۋدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ مۇسابىقىگە خىتايدىكى ھەر قايسى ئۆلكە ۋە رايونلاردىن كەلگەن 350 مۇشچى قاتاناشقان. خەينەن ئۆلكىسى بۇ قېتىم ئۆز ئۆلكىسىدىن 57 كىلو دەرىجىلىك بىر مۇشچى ئالتۇن مېدال ئېلىپ، بۇ ئۆلكىىنىڭ ئالتۇن مېدالسىز تارىخىنى يېڭىلىغانلىقىنى تەبرىكلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت