ھىندىستاندا 'ماۋزېدوڭچىلار' يەنە بەش نەپەر ساقچىنى ئۆلتۈردى

ھىنىدىستاننىڭ چادىسگار شىتاتىدا تۈنۈگۈن 'ماۋزېدوڭچىلار' ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، ھىندىستاندا ھوقۇق تۇتۇۋاتقان دۆلەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ رەىئىسى سونىيا گەندى تۈنۈگۈن، ھىندستاندا 4 ‏ - ئاينىڭ ئاخىرىدا چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىنلا، 'ماۋزېدوڭچىىلار' قوراللىق ھۇجۇم قوزغىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-04-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ھىندىستان دائىرىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، 'ماۋزېدوڭچىلار' بۇ قېتىم ھىندىستاندا قوزغىغان ھۇجۇمىدا بەش نەپەر ساقچىنى ئۆلتۈرگەن، 3 نەپەر ساقچىنى يارىلاندۇرغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 'ماۋزېدوڭچىلار' بىر نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ھىندىستاندىكى 29 شىتاتنىڭ 13 دە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئاساسەن 'نامراتلار ئۈچۈن، يەرسىزلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىش' دېگەن شۇئار ئاستىدا توپۇلاڭ كۆتۈرۈپ ياكى قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ كەلمەكتە. ھىندىستاندىكى 'ماۋزېدوڭچىلار' يېقىنقى 10 نەچچە يىل ئىچىدىلا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھاياتىغا زامان بولدى.


تولۇق بەت