ئۇيغۇر ئېلىدا شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىي يەتكۈزۈلمەكتە

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت 22 ‏ - ماي كۈنى يىغىن ئۆتكۈزۈپ، بېيجىڭدا ئېچىلغان شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-05-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يىغىندا شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ 11 باش ۋەزىپىسى ۋە 58 كونكرېت ۋەزىپىنى بېكىتكەن. بېكىتىلگەن ۋەزىپىلەر ئۇل - ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش ئىشى، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەدەنىيەت، مۇقىملىق خىزمىتى قاتارلىق ساھەلەر ئۈستىدە بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنمىغان.

مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىنى ئاچقاندىن باشلاپ، كۆزەتكۈچىلەر، بۇ يىغىننىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى بولمايدىغانلىقىنى، ئەگەر ئۈنۈمى بولسىمۇ، بۇ ئۈنۈمدىن يەرلىك خەلقنىڭ پايدىلىنالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇلاھىزىچىلەر، شىنجاڭ خىزمەت يىغىننىڭ تەشۋىقات دولقۇنى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش شەكلى بۇندىن بۇرۇنقى يىغىنلار بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، مەزكۇر يىغىننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە رايوننىڭ مۇقىملىقىغا ھېچقانداق ئىجابىي تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت