بېيجىڭ ۋە خوڭكوڭلاردا يېڭىدىن چوشقا زۇكامى يۇقۇمدارلىرى بايقالدى

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، خىتاينىڭ بېيجىڭ ۋە خوڭكوڭ شەھەرلىرىدە چوشقا زۇكامى يۇقۇمدارلىرىدىن يەنە ئىككىسى بايقالغان. بۇنىڭ بىلەن بېيجىڭ شەھىرىدە مەزكۇر زۇكامنى يۇقتۇرۇۋالغان يۇقۇمدارلارنىڭ سانى 3 كە يەتتى. خىتاي بويىچە بۇ تۈرلۈك زۇكام ۋىروسىنى يۇقتۇرۇۋالغانلارنىڭ سانى ئاز دېگەندە 6 نەپەر.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-05-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي سەھىيە دائىرىلىرى بېيجىڭدا بايقالغان يۇقۇمدارنىڭ 69 ياشلاردىكى بىر ئەر كىشى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ 16 - چىسلا ئايالى بىلەن خىتاي ھاۋا يوللىرىنىڭ ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، بېيجىڭغا قايتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا يۇقۇمدار 21 ‏- چىسلا تۇيۇقسىز قىزىپ، بېيجىڭ شەھەرلىك 302 - ھەربىي دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، دوختۇرلار ئۇنىڭ H1N1 تىپلىق چوشقا زۇكامى يۇقتۇرۋالغانلىقىنى بېكىتكەن.

خوڭكوڭ سەھىيە دائىرىلىرى بولسا خوڭكوڭدا بايقالغان يۇقۇمدارنىڭ 18 ‏- چىسلا تايلاند ھاۋا يوللىرىنىڭ ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىن خوڭكوڭغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ تەيۋەندە بايقالغان تۇنجى چوشقا زۇكامى يۇقۇمدارى بىلەن ئوخشاش بىر ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ خوڭكوڭغا قايتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. خوڭكوڭدا ھازىرغا قەدەر مەزكۇر ۋىرۇسنى يۇقتۇرۇۋالغانلار 4 نەپەر. 


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت