ئالاھىدە مەسلىھەتچى روبېرت ئىينخورن "خىتاي پۇرسەتپەرەسلىك قىلماسلىقى كېرەك"

بۈگۈن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى روبېرت ئېينخورن ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا روبېرت ئېينخورن باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت خىتاي، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيە ۋە ئەرەب خەلىپىلىكىنى زىيارەت قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار زىيارىتىدە بۇ دۆلەتلەر بىلەن ئىرانغا بېسىم ئىشلىتىش ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئىرانغا ئىمبارگو قويۇشنىڭ ماقۇللىنىشى مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-07-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئالاھىدە مەسلىھەتچى روبېرت ئىينخورن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە چوقۇم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك دېگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئىرانغا سالغان مەبلىغىنىڭ كۆپلىكى، خىتاي ياۋروپا كارخانىلىرى ئىراندىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن ئىرانغا كىرىپ، ياۋرۇپا كارخانىلىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن دەيدىغان گۇماننى پەيدا قىلىۋاتقان بولۇپ، ئالاھىدە مەسلىھەتچى روبېرت ئېينخور سۆزىدە بۇ ھەقتە توختالغان. ئۇ: "بىز خىتاينى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ يېتىشكە، مەسئۇلىياتچان دۆلەتلەر ئىران بىلەن چىگرا ئايرىپ سودا مۇناسىۋەتلىرىنى توختاتقاندا، ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئىگىلەشكە ئۇرۇنماسلىققا چاقىرىمىز" دېگەن.

ئۇ خىتاينىڭ مەسىلىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىپ، ئىرانغا بېسىم ئىشلىتىشى ۋە يادرو قورالى ياسىماسلىققا قايىل قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئىگىلىنىشىچە، روبېرت ئېينخورن باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ زىيارىتى كېلەر ھەپتە باشلىنىدىكەن.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت