دۇنيا سودا تەشكىلاتى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى چاق سودىسى ئىختىلاپىدا ئامېرىكا تەرەپنى ھەقلىق دەپ ھۆكۈم چىقاردى

خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرگەندىن كېيىن خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى سودا ئىختىلاپىمۇ كۈچىيىپ ماڭغان؛ بۇ ئىختىلاپ تۆمۈر تۇرۇبىلىرىدىن، مۇزىكا لېنتىلىرىغىچە، قۇش يېمەكلىرىدىن ئاپتوموبىل چاقلىرىغىچە بولغان كۆپلىگەن ساھەلەردە پەيدا بولغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2010-12-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ ئىختىلاپلارنىڭ بىر قىسمى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ھاۋالە قىلىنغان ئىدى. دۈشەنبە كۈنى دۇنيا سودا تەشكىلاتى خىتاي-ئامېرىكا ئارىسىدىكى چاق سودىسى ئىختىلاپىدا ئامېرىكىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم چىقارغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، بۈگۈن خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئۆز تور بېتىدە بىر بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا سادا تەشكىلاتىنىڭ قارارىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

چاق سودىسى مەسىلىسىدە پرېزىدېنت ئوباما بۇلتۇر 9 ‏-ئايدا، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان چاقلارغا قويۇلىدىغان تاموژنا بېجىنى 4%din 35%ge كۆپەيتكەن؛ بۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئوخشاش تۈردە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت ۋە زاۋۇت ئىشچىلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىغان ئىدى. خىتاي بۈگۈنكى باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلغىنىنى دۆلەت مەنپەئەتچىلىكى دەپ ئەيىبلىگەن ھەم باجنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئامېرىكىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دۇنيا سودا تەشكىلاتى، تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ، ئۆز دۆلەتلىرىدە مەلۇم بىر تۈر مەھسۇلات بازىرىنى ئىمپورت ماللىرى قاپلاپ كەتكەن ئەھۋالدا تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق بازارنى تەڭشەش ھەققى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر يېڭى بەلگىلىمىسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت