خىتاي ھۆكۈمىتى مىللىي سىياسەتكە ئائىت ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى

27 - سېنتەبىر كۈنى خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى "جۇڭگونىڭ مىللىي سىياسىتى ۋە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققى قىلىشى" ماۋزۇلۇق يەنە بىر يېڭى ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلدى. شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابتا "جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ 60 يىلدىن بۇيانقى مىللىي سىياسەتتە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى" نامايەن قىلىنغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009-09-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاق تاشلىق كىتابتا "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش يولىدا دۆلەت ھەر قانداق چوڭ مىللەتچىلىك يەنى ئاساسلىقى چوڭ خەنزۇچىلىققا قارشى تۇردى ۋە يەرلىك مىللەتچىلىككىمۇ قارشى تۇردى" دەپ بايان قىلىنغان.

خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى بىر ھەپتە ئىلگىرى يەنى، 21 - سېنتەبىر كۈنى " شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالغا بېسىشى" ماۋزۇسىدا ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەرەققى قىلالماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە ئارتقان ئىدى.

بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان مىللىي سىياسەت ئاق تاشلىق كىتابىدا بولسا، " جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مەسىلىسى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى تاشقى كۈچلەرنىڭ "مىللەت"، "دىن" ۋە "كىشىلىك ھوقۇق" بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، جۇڭگونىڭ مىللىي مەسىلىلىرىگە ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ۋە توسايدۇ" دەپ يېزىلغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئاق تاشلىق كىتابنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ئىككى نۇقتىغا يىغىنچاقلانغان بولۇپ، بىرى خىتاينىڭ 60 يىللىق مىللىي سىياسىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە مەدھىيىلەش، يەنە بىرى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز ھوقۇقلىرى ۋە مەنپەئەتلىرىنى قوغداش يولىدىكى ھەرىكەتلىرى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىدىكى خاتالىقلارغا بولغان تەنقىدلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇشتىن ئىبارەت.

بۇ ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىنىش ھارپىسىدا ئۈرۈمچى سوتى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ گۇماندارلىرى ئۈستىدىن سوتلاشنىمۇ تەڭ باشلىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت