خىتاي، ئاققۇن ئىشچىلارغا ئىش ئىمكانىيىتى يارىتىشقا چاقىردى

خىتاي دۆلەت كابىنېتى شەنبە كۈنى بىر ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى، دۇنيا پۇل مۇئامىلە كرىزىسى نەتىجىسىدە ئىشسىز قىلىپ، ئۆز شەھەرلىرىگە قايتقان ئاققۇن ئىشچىلارغا ئىش ئىمكانىيىتى يارىتىشقا چاقىردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺕ
2008-12-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت كابىنېتى تەرىپىدىن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ھەرقايسى مىنسىتىرلىقلارغا تارقىتىلغان ئۇقتۇرۇشتا، ئاققۇن ئىشچىلار مەسىلىسىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك جىددىي ۋە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىرمەسىلە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيا پۇل مۇئامىلە كرىزىسى نەتىجىسىدە خىتايدا كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان ئىشسىزلىق مەسىلىسى، خىتاي رەھبەرلىرى ئارىسىدا خىتايدا بىر توپىلاڭ چىقىپ قىلىشى توغرىسىدا ئەندىشە ياراتماقتا.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بولۇپمۇ، دۇنيا پۇل مۇئامىلە كرىزىسى نەتىجىسىدە ئىشلەۋاتقان كارخانىلىرى تاقالغانلىقى ئۈچۈن، ئۆز شەھەرلىرىگە قايتىشقا مەجبۇر بولغان ئاققۇن ئىشچىلارنىڭ بىر قالايمىقانلىق چىقىرىپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي رەھبەرلىرى ئاققۇن ئىشچىلار مەسىلىسىگە جىددىي قاراپ، ئۇلارنىڭ خىتايدا بىر توپىلاڭ چىقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈرلۈك تەدبىرلەر ئېلىشقا باشلىغان.

دۇنيا پۇل مۇئامىلە كرىزىسنىڭ ئوتتۇرىغا چېقىشىدىن كېيىن، خىتايدا يېزا-قىشلاقلاردىن كېلىپ شەھەرلەردىكى فابرىكا ۋە كارخانىلاردا ئىشلەۋاتقان مىليونلىغان ئىشچى ئىشسىز قېلىپ ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشقا مەجبۇر بولغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت