خىتايدا 13 ئاخبارات ئورنى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتتىن نوپۇس تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنى تەلەپ قىلدى

بېيجىڭدىكى ئىككى يىغىننىڭ ئېچىلىش ھارپىسىدا خىتايدىكى 13 ئاخبارات ئورنى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى نوپۇس تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشقا چاقىردى. ئادەتتە خىتايدا ئاخبارات ئورۇنلىرى ھۆكۈمەتنىڭ تىلى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىپ كەلگەچكە، يۈننەن ئۇچۇر گېزىتى قاتارلىق 13 گېزىت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ بايانات، خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-03-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى تۈزۈمىدە، شەھەرگە ئېقىپ كىرگەن كۆچمەنلەر، داۋالاش سۇغۇرتىسى ۋە پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە تىزىملىتىش قاتارلىق مەسىلىلەردە، شەھەردە تىزىملىتىشى چەكلەنگەن. بۇ ئەھۋال شەھەر نوپۇسى بىلەن يېزا نوپۇسى ئارىسىدىكى پەرقنىڭ بارغانسېرى زورىيىپ مېڭىشىغا بەزىدە ۋاسىتىلىك بەزىدە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن.

بۇ قېتىمقى نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتى تەلىپى، بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى يىغىن ۋەكىللىرىگە خىتابەن ئېلان قىلىنغان. ئەمما يىغىن ۋەكىللىرىنىڭ بۇ تەلەپنى يىغىندا مۇزاكىرە قىلىدىغان ‏ - قىلمايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، مەزكۇر بىرلەشمە باياناتقا ئىمزا قويغان بىر قىسىم گېزىتنىڭ تور بەتلىرىدىن، بۇ بايانات بۈگۈن چىقىرىۋېتىلگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مەزكۇر باياناتىنىڭ تارقىلىشىغا چەكلىمە قويغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

بىرلەشمە باياناتتا، كۆچۈش ئەركىنلىكى ئىنسان ھەقلىرىنىڭ بىر قىسمى دېيىلگەن. ئىنسان ھەقلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئاڭلاشنى خالىمايدىغان ئاتالغۇلاردىن بىرىدۇر. بۇ سەۋەبلىك بىرلەشمە باياناتقا ئىمزا قويغان گېزىت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئاۋارىچىلىققا يولۇقۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى پەرەز قىلىنماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت