خىتايدىكى 1 ‏- دەرىجىلىك باي خۇاڭ گۇاڭيۈ 14 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

خىتايدىكى 1 ‏- دەرىجىلىك باي Huang Guangyu تۈنۈگۈن 14 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇ ئەسلىدە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى بىر نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، 1980 ‏- يىللارنىڭ ئاخىرىدا بېيجىڭغا كېلىپ تىجارەت قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-05-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇ ئېلېكتىر سايمانلىرى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ، 2008 ‏- يىلىغا كەلگەندە 6 يېرىم مىليارد دوللارلىق سەرمايىگە ئىگە بولغان. ئۆتكەن يىلى پاي چېكى بازىرىنى مونوپول قىلىۋېلىش گۇمانى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان.

تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۇنىڭ پارىخورلۇق ۋە ئەتكەسچىلىك قىلمىشلىرى بايقالغان. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىچىدىكى بىر تۈركۈم شېرىكلىرىمۇ بايقىلىپ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان.

رويترېس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سوت خۇاڭ گۇاڭيۈگە، 600 مىليون يۈەن جەرىمانە قويغان ۋە ئۇنىڭ 200 مىليون يۈەنلىك مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان؛ ئەمما ئۇنىڭ شېرىكلىرى بولغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى سوتقا تارتىلمىغان.

كۆزەتكۈچىلەر، خۇاڭ گۇاڭيۈگە ئوخشىغان قانۇنسىز يول بىلەن بېيىغانلارنىڭ خىتايدا كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ پەقەت ئايرىم شەخسلەرگە جازا بېرىش ئارقىلىق، جەمئىيەتتىكى نارازىلىقلارنى پەسەيتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

تولۇق بەت