لىئۇ شاۋبونىڭ قولغا ئېلىنىشى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ نارازىلىقلىرىنى كۈچەيتمەكتە

يېقىندا بېيجىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى تەرىپىدىن رەسمىي تۈردە قولغا ئېلىنغان سىياسى نەزەرىيىچى، پروفېسسور لىئۇ شاۋبو مەسىلىسى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينى ئوخشىمىغان پىكىردىكى ئەربابلارنى قولغا ئېلىش ۋە زەربە بېرىشنى كۈچەيتكەنلىكى بويىچە ئەيىبلىشىدىكى يەنە بىر مىسالغا ئايلاندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009-06-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۆكتىچى پىكىردىكى زىيالىي لىئۇ شاۋبونىڭ قولغا ئېلىنىشى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى تەنقىد قىلغان ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يەنە چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتىك گۇرۇھلىرى ۋە پارتىيىلىرى بېيجىڭغا بولغان قاتتىق نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەشتى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيىدىكى خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيسى ۋاڭ ۋەنشىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى لىئۇ شائوبوغا ساخاراروف كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم كۆرسىتىشكە چاقىرغان.

ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدا تۇرۇشلۇق سابىق خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك تەنتەربىيە چېمپىيونى چېنكەي كالىفورنىيىدىكى نىكسون كۇتۇپخانىسىغا قويۇلغان دۇنيا داھىيلىرىنىڭ مىس ھەيكەللىرى قاتارىدىكى سابىق خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ماۋ زېدوڭ ۋە جوۋ ئېنلاينىڭ مىس ھەيكىلىنى ئېلىۋېتىشنى، چۈنكى ماۋزېدوڭنىڭ دۇنياۋى داھىي ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ مىليونلىغان جۇڭگولۇقنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى، بىلدۈرگەن ئىدى.

مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، يەنە بىر قىسىم دېموكراتىك خىتاي زىيالىيلىرى بېيجىڭدىكى ئالىي رەھبەرلەرنىڭ لىئۇ شائوبونىڭ قولغا ئېلىنىش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولۇشنى تەلەپ قىلغان. لىئۇ شاۋبو تىئەنئەنمېن ۋەقەسى بويىچە ھۆكۈمەتنى ئىزچىل تەنقىد قىلغان زىيالىي بولۇپ، تىئەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقى ھارپىسىدا تۇتۇپ كېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن رەسمىي قولغا ئېلىنغانلىقى ئېلان قىلىنمىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت