قاتناش قازاسى مەيدانىدا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى تەبەسسۇم بىلەن قوبۇل قىلغان خىتاي ئەمەلدارى ئەيىبلەندى

26-ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى شەنشى ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل قازاسىدا 36 ئادەم ئۆلگەن. شەنشىدىكى مەلۇم ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ تەبەسسۇم ھالىتىدە تۇرۇپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سۈرىتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ئەمەلدار خىتاي تور بەتلىرىدە قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012-08-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي تور بېكەتلىرىدىكى ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 36 ئادەم قازا قىلغان ئېغىر قاتناش ۋەقەسىدە كۈلۈپ تۇرۇپ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بۇ ئەمەلدار شەنشى ئۆلكىلىك قاتناش بىخەتەرلىكى ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى بولۇپ، خىتاي تورداشلىرى يەنە بۇ ئەمەلدارنىڭ ئوخشىمىغان سورۇنلاردا، قولىدىكى داڭلىق ماركىلىق سائەتلەرنى ئالماشتۇرۇپ چۈشكەن سۈرەتلەرنىمۇ تور بېكىتىگە يوللىغان.

سۈرەت ئاستىغا يېزىلغان ئىنكاسلاردا چىرىكلەشكەن خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ھازىر مال-دۇنيا توپلاش، بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، خەلقنىڭ ھاياتى بىلەن كارى بولمايدىغان بىر توپ پارازىتلارغا ئايلانغانلىقى ئەيىبلەنگەن. سىنا تور بېكىتىدىكى بىر ئىنكاستا «ھازىرخەلقىمىز دۆلىتىمىزدىكى ئەمەلدارلاردىن ئۈمىدىنى ئۈزدى. مانا مۇشۇنداق ئىنسانىي ھېس-تۇيغۇسىنى يوقاتقان مەخلۇقلار خەلقنىڭ ئىلىكىنى شورىماقتا» دېگەن سۆزلەر يېزىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت