خىتايدا 2011 - يىلى جەريانىدا 28 مىڭ ئادەم ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلگەن

خىتايدا 2011 - يىلى جەريانىدا 28 مىڭ ئادەم ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلگەن ۋە پەقەت ئۆتكەن بىر يىلدا يېڭىدىن قوشۇلغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى 48 مىڭدىن ئاشقان.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012-01-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى شەنبە كۈنى بۇ ھەقتە تارقاتقان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە خىتايدا 780 مىڭ ئەيدىز يۇقۇمدارى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ 154 مىڭىدا رەسمىي كېسەللىك شەكىللەنگەن.

خىتاي ئاخباراتلىرىدا كۆرسىتىشىچە، ئۆتكەن يىلىدا ئەيدىزنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن يۇقۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئۆرلىگەن.

ئۇيغۇر ئېلىمۇ ئەيدىز بىر قەدەر كەڭ تارقالغان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ 40 مىڭغا يېقىنلاشقانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

ھالبۇكى ئىلگىرى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچىدىكى بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئىشلىرىنىڭ يەنىلا يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت