خېنەن ئۆلكىسىدىكى بىر ئەيدىز پائالىيەتچىسى قولغا ئېلىندى

خېنەن ئۆلكىسىدىكى بىر ئەيدىز پائالىيەتچىسى ئۆزى ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغان دوختۇرخانىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغاندىن كېيىن، قولغا ئېلىنغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھازىر ئۇنىڭ دادىسى ئوغلىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۇچۇن ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-08-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەيدىز پائالىيەتچىسى تيەن شىن ئەسلى ساغلام بالا ئىكەن. ئۇ، 1996 - يىلى خېنەن ئۆلكىسى شىنسەي ناھىيىلىك بىرىنچى دوختۇرخانىدا يېنىك دەرىجىلىك مېڭە سىلكىنىش كېسىلى بويىچە داۋالانغان ۋە دوختۇرخانا ئۇنىڭغا بەرگەن قاندا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان.

ئۇ، ئەينى چاغدا 17 ياشتا بولۇپ، شۇندىن ئېتىبارەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن تۆلەم تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تيەن شىن بۇ ئاينىڭ بېشىدا ئۆزىگە ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇپ قويغان دوختۇرخانىغا كېلىپ، دوختۇرخانا مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشكەن. دوختۇرخانا مەسئۇلى ئۇنىڭغا ياردەم قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، تيەن شىن ئۆزىنى باسالماي ئىشخانىدىكى بىر كومپيۇتېر ۋە فاكس ماشىنىسىنى چېقىۋەتكەن.

كېيىن ساقچىلار ئۇنى ھۆكۈمەت مۈلكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغان. ئۇنىڭ دادىسى ئوغلىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەر تەرەپلىمە ئىزدەنمەكتە ئىكەن.

خىتايدا ئەيدىز بىمارلىرى يەنىلا كەمسىتىشكە ئۇچرايدۇ. ئۇيغۇر ئېلىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسى ئەڭ تىز تارقىلىۋاتقان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، مەزكۇر رايوندا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە ئانچە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلمايۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت