خىتاي چىرىكلىكتە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدا 7 - ئورۇندا باھالانغان

خوڭكوڭدىكى" سىياسىي ئىقتىساد خەۋپ - خەتەرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش ئورنى " دەپ ئاتىلىدىغان بىر شىركەت تۈنۈگۈن ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى 16 دۆلەتنىڭ چىرىكلىك ئەھۋالى ھەققىدە بىر تەكشۈرۈش ۋە باھالاش ئېلىپ بارغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﮪﺮﻩﺕ
2010-03-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

 بۇ شىركەتنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باھالاش نەتىجىسىدە ھىندونېزىيە چىرىكلىكتە بىرىنچى ئورۇندا باھالانغان. سىنگاپور بىلەن ئاۋسترالىيە پاكلىقتا 1 - ۋە 2 - بولۇپ باھالانغان. خىتاي چىرىكلىكتە 7 - ئورۇندا تۇرغان. ئەمما دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خىتاي ھەققىدىكى باھالار كۆپلىگەن كىشىلەرنى قايىل قىلالمىغان.

 باھا ھەققىدىكى ئىنكاسلاردا خىتاينىڭ چىرىكلىكتە تېخىمۇ ئالدىنقى ئورۇندا بولۇش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەزكۇر شىركەت خىتاي ھەققىدىكى باھاغا قارىتا تەنقىدلەرنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ چىرىكلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئەڭ قىيىن دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.

چىرىكلىك مەسىلىسى خىتاي كومپارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن باشلاپ داۋام قىلىپ كەلگەن. بولۇپمۇ خىتاي بازار ئىگىلىكىگە ئۆتكەندىن كېيىن، چىرىكلىك مەسىلىسى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلىلەردىن بىرىگە ئايلانغان. قانلىق باستۇرۇلغان 4 - ئىيۇن تىيەنئەنمېن ۋەقەسىدىمۇ چىرىكلىك مەسىلىسى ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم مەسىلەردىن بىرى ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت