خىتاي 'سەددىچىن 6' ناملىق تېررورلوق ھۇجۇمىغا قارشى مانېۋىرىنى باشلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبىدىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي بۈگۈن سەددىچىن 6 دەپ نام بەرگەن تېررورلۇققا قارشى يۈرۈشلۈك ھەربىي مانېۋىرىنى رەسمىي باشلىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009-06-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ ئىچكى موڭغۇل، سەنشى،خېبېي قاتارلىق جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان مەزكۇر مانېۋىرى ئىيۇننىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە داۋاملىشىدىكەن.

خىتاينىڭ سەددىچىن ئالتە دەپ نام بەرگەن تېرورلۇققا قارشى دۆلەتلىك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىغا ساقچى، قوراللىق ساقچى، ھەربيى، سەھىيە، مېترولوگىيە ۋە مۇھىت ساھەسىدىن بولۇپ كۆپ ساندا ئادەم قاتناشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، مانېۋىردا ئاساسلىق پارتلاتقۇچ بومبىلارنى بايقاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش، شەھەردىكى ئاممىۋى سورۇن، خىمىيىلىك زاۋۇتلارنى تېررور ھۇجۇمدىن ساقلاش قاتارلىق مەزمۇنلاردا مەشق ئېلىپ بارىدىكەن.

شۇنداقلا ھازىر خەلقئارادا كۆرۈلۈۋاتقان تېررورلوق ھۇجۇم شەكىللىرىدىن، پارتلىتىش، گۆرۈگە ئېلىش، زەھەرلەش، ئوققا تۇتۇشقا ئوخشاش ھەرىكەتلەرگە قارشى ھەر قايسى قىسىملارنىڭ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى، ھەربىي ھەم ئوت ئۆچۈرۈش قىسىملىرىمۇ تېررور ھۇجۇمىغا قارشى ئايرىم ‏ - ئايرىم مانېۋىرلار ئۆتكۈزمەكتە.

چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى خىتاي كوممۇنىست جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تىنچ ئۆتكۈزۈش باھانىسىدە زۆرۈر ھەم زۆرۈر بولمىغان قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئېلىپ ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرۈۋاتقان بىر پەيتتە، تىبەت ھەم ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قاتتىق باستۇرۇشنى تېخىمۇ ئېغىر رەۋىشتە داۋاملاشتۇرماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت