خىتاي ھۆكۈمىتى 'ئىپارخان مازىرى' بىلەن ھېيتگاھ مەسچىتىنى رېمونت قىلىش ئۈچۈن 30 مىليون يۈەن ئاجراتتى

قەشقەردىكى ئاپپاق خوجا مازىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان مەقسەتلىك ھالدا 'ئىپارخان مازىرى' دەپ ئاتاپ كېلىۋاتىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن ئۈرۈمچى تورىدا بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا 'ئىپارخان مازىرى' بىلەن ھېيتگاھ مەسچىتىنى يىپەك يولىدىكى نۇقتىلىق ئاسارە -ئەتىقە دېگەن نام بىلەن رېمونت قىلىش ئۈچۈن 30 مىليون يۈەن ئاجراتقان. بۇ مەزكۇر ئىككى ئاسارە - ئەتىقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم رېمونت قىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-04-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قەشقەر مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش ئورنىنىڭ خادىمى، ئاپپاق خوجا مازىرى بىلەن ھېيتگاھ مەسچىتىنى رېمونت قىلىش ئەسلى پىلان بۇيىچە بۇلتۇر 7‏ - ئايدىلا باشلىناتتى. ئەمما ئەينى ۋاقىتتا 'مەلۇم سەۋەب بىلەن توختىتىپ قويۇلغان.

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئاپپاق خوجا مازىرىنى يەنىلا 'ئىپارخان مازىرى' دەپ ئاتاپ، ئۇنى رېمونت قىلىش ئۈچۈن 21 مىليون يۈەن، ھېيتگاھ مەسچىتىنى رېمونت قىلىش ئۈچۈن 11 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان. بۇ ئىككى ئاسارە - ئەتىقىنى رېمونت قىلىش 2012‏ - يىلى پۈتىدىكەن.

ئۇنىڭغىچە بۇ ئىككى جاينى زىيارەت قىلىش توختىتىلامدۇ، بۇ تېخى نامەلۇم.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت