خىتاي سوت مەھكىمىسى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان خىتاي پۇقراسىغا ئۆلۈم جازاسى بەردى

خىتاينىڭ گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى جەنجياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى جۈمە كۈنى ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، لېيجۇ شەھرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلغان چېن كاڭبىڭ ئىسىملىك خىتاي پۇقراسىغا ئۆلۈم جازاسى بەردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-06-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ ۋەقە بۇ يىل 4‏ - ئايدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ھۇجۇمدا 16 ئوقۇغۇچى ۋە بىر ئوقۇتقۇچى يارىلانغان، لېكىن ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەرمىگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنجياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى 4‏ - ئاينىڭ 28 ‏ - كۈنىدىكى ۋەقەدە ئادەم ئۆلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن چېن كاڭبىڭنىڭ ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى يارىلاندۇرۇش قىلمىشىدا "قوللانغان ۋاستىسىنىڭ قەبىھ، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى" سەۋەبى ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇ ۋەقە بۇ يىل 3 ‏ - ئايدىن بېرى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان بىردىن بىر ۋەقە ئەمەس. خىتايدا 3 ‏ - ئايدىن بېرى يۈز بەرگەن باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىدە ئاز دېگەندە 15 ئوقۇغۇچى ۋە بىر چوڭ ئادەم ئۆلگەن، ئاز دېگەندە 80 ئادەم يارىلانغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 5‏ - ئايدا 29 ئوقۇغۇچى ۋە 3 ئوقۇتقۇچىنى يارىلاندۇرغان شۇي يۇييۇەن ۋە بۇ يىل 4‏ - ئايدا 8 ئوقۇغۇچىنى ئۆلتۈرگەن زېڭ مىڭشىڭ ئىسىملىك خىتاي پۇقرالىرىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت