خىتاي ئىچكىرىگە كېلىپ ئىشلىگۈچى ۋە تىجارەت قىلغۇچىلار مەسىلىسى' بويىچە خىزمەت يىغىنى ئاچتى

خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى 20 - ئىيۇن كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە مەخسۇس "شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىچكىرىگە كېلىپ ئىشلەش ۋە سودا قىلىش مەسىلىسى" بويىچە خىزمەت يىغىنى ئاچقان بولۇپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر خىزمەت يىغىنىدا خىتاي مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، سىياسىي بيۇرو ئەزاسى ۋاڭ لېچۈەن سۆز قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010-06-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

گەرچە، مەزكۇر خەۋەردە بۇ يىغىنغا يەنە قايسى رەھبىرىي شەخسلەرنىڭ قاتناشقانلىقى ئېيتىلمىسىمۇ، بىراق ۋاڭ لېچۈەننىڭ سۆزى بىرقەدەر تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان.

ۋاڭ لېچۈەن سۆزىدە، "ھەر قايسى جايلاردىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئىچكىرىگە كېلىپ ئىشلەۋاتقان ۋە تىجارەت قىلىۋاتقان شىنجاڭلىق ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى چۈشىنىپ، پۈتۈن ئىمكانىيەت بىلەن ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ جاي، خىزمەتكە ئورۇنلىشىش، پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىش، كېسەل كۆرسىتىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى قىيىنچىلىقلىرى ھەم مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىش" لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىچكىرى ئىشلەشكە ۋە تىجارەتكە كەلگەنلەر بىلەن ئۇلار تۇرىۋاتقان جايلاردىكى ئاھالىلارنىڭ "ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش"، "ئۆز - ئارا ئىناقلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش،" "ھەر خىل زىددىيەتلەرنى بىخ ھالىتىدە ۋە ئاساس قاتلامدا ھەل قىلىش" لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

ۋاڭ لېچۈەن سۆزىدە، "زىددىيەت" ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تۈرلۈك زىددىيەتنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، ئىچكىرىگە بارغان ئۇيغۇرلارغا ياتاق بەرمەسلىك، بالىلىرىنى مەكتەپكە قوبۇل قىلماسلىق ۋە يەكلەش، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلماسلىق، جىسمانىي زەربە بېرىش شۇنىڭدەك يەنە ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە جازالاش ھەتتا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تور بەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە ھاقارەت قىلىش قىلمىشلىرى ئۇزۇندىن بۇيان تۈرلۈك غۇلغۇلىلارنى قوزغاپ كەلگەن ئىدى. ئۆتكەن يىلىدىكى شاۋگۈەن ۋەقەسىنىڭ بۇ خىل زىددىيەتلەرنىڭ پارتلىشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.
 
 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت