كانادالىق مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئىنتېرنېت جاسۇسلۇقىغا قارىتا خەلقئارانىڭ بىرلىكتە تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

كانادادىكى "ئۇچۇر ئۇرۇشىنى كۆزىتىش" نامىدىكى تەتقىقات ئورنى يېقىندا، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت جاسۇسلۇقى ھەققىدە تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئىنتېرنېت جاسۇسلۇقىغا قارىتا بىرلىكتە تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-04-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دوكلاتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، دۇنيادا يۈزدىن ئارتۇق دۆلەتتىكى 1000دىن ئارتۇق كومپيوتېر خىتايدىكى ئىنتېرنېت خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. تەكشۈرۈشتە خاككېرلارنىڭ ئورنى خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرى بولۇپ چىققان.

دوكلاتتا ئەسكەرتىلىشىچە، خىتايدا ئىنتېرنېت قاتتىق قامال قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئەگەر ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بولمىسا، ئىنتېرنېت خاككېرلىرىنىڭ بۇ دەرىجىدە ئاكتىپ پائالىيەتتە بولالىشى مۇمكىن ئەمەس.

يەنە دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھۇجۇم نىشانلىرى ئارىسىدا، ب د ت نىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ كومپيوتېر سىستېمىسى، ھىندىستاننىڭ دۆلەت مۇداپىئە تور بېتى قاتارلىقلارمۇ بايقالغان. خىتاينىڭ ئىنتېرنېت خاككېرلىرى ئۆتكەن يىلى 1 - ئايدىن 11 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا دالاي لامانىڭ ئىشخانىسىدىكى كومپيوتېرلاردىن 1500دىن ئارتۇق تورخەتنى ئوغرىلىغان.

خىتاي خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى، مەزكۇر دوكلاتتىكى خۇلاسىلەرنى تامامەن ئىنكار قىلغان. مەزكۇر دوكلاتتا بولسا، دۇنيادا ئىنتېرنېت باشقۇرۇش توغرىسىدا بىر تۈزۈم تۈزۈلۈشى، بۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق دۆلەتلەر بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت