خىتاي ھازىر ئامېرىكىغا قاراتقان جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى كۈچەيتمەكتە

بىرلەشمە ئاگېنتلىىقنىڭ بايان قىلىشىچە، ئوباما ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن 64 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق زامانىۋىي قورال سېتىپ بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىىتىدە جىددىيلىك پەيدا بولۇۋاتقان ۋەزىيەتتە، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ دۆلەت ئۇچۇر - ئاخبارات ئورگىنى مۇدىرى دانىيال بلاير ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يوللىغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ھازىر ئامېرىكىغا قاراتقان جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-02-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دانىيال بلاير دوكلاتىدا يەنە، خىتاي ھازىر ئامېرىكىغا قاراتقان جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى ئامېرىكىدىن باشقا دۆلەتلەردىمۇ كېڭەيتىپ ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسى بۇلتۇر 11 ‏- ئايدا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان دوكلاتتىمۇ، خىتاي جاسۇسلىرى تىنىم تاپماستىن ئامېرىكىنىڭ مەخپىيەتلىكلىرىنى ئوغرىلاپ، بېيجىڭنىڭ ھەربىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت