خىتاي جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىنىڭ تېگىگە بايراق تىكلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

خىتاي بۈگۈن كىچىك تىپتىكى سۇ ئاستى پاراخوتى ئارقىلىق جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىنىڭ سۇ ئاستىغا دۆلەت بايرىقىنى تىكلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-08-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە خىتاينىڭ كىچىك تىپتىكى سۇ ئاستى پاراخوتلىرى 5 - ئايدىن 7 - ئايغىچە 17 قېتىم دېڭىز ئاستىغا چۆكۈپ، 3759 مېتىر چوڭقۇرلۇققا يەتتى دەپ مەلۇمات بەرگەن.

ب ب س نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى گەرچە دېڭىز ئاستىغا بايراق تىكلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىنىڭ زادى قايسى يۆنىلىشىدە ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق تالاش - تارتىشى مەۋجۇت بولغان رايوندا ياكى ئەمەسلىكى شۇنداقلا بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى نېمە ئۈچۈن ئېلان قىلغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئىزاھات بەرمىگەن.

جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى خىتاي، مالايسىيا، ۋېيتنام، فىلىپپىن ۋە تەيۋەن قاتارلىق دۆلەتلەر ھەممىسى ئىگىلىك ھوقۇقى كۈرىشى قىلىپ كېلىۋاتقان دېڭىز بولۇپ، ئۇ ھەم مۇھىم قاتناش تۈگۈنلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. شۇنداقلا بۇ دېڭىزنىڭ تېگىدە مۇھىم ئېنېرگىيە مەنبەلىرى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

يېقىندا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىمۇ دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە جىددىيلىك پەيدا بولغان ئىدى. ب ب س نىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشى ئۇنىڭ جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىز رايونىدا ئېنېرگىيە مەنبەسى ئىزدەش مۇسابىقىسىگە چۈشكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت